ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسى ئامىل

zumrat 2019-01-28 18:02:33

\

دۈشەنبە ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1300دوللاردىكى ئۆتكەل ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى تۇيۇقسىز خەۋەر چىقىپ دوللار باھاسىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈشىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش دائىرىسى چوڭلاپ 1300دوللاردىكى باھاغا قايتا چىقتى. بۈگۈنكى سودا كۈنىدە بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز، گەرچە تىراپ ۋاقىتلىق چىقىم قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ ئىش تاشلاش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ھەپتە بازار مۇھىم ئىش سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتۈۋالىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قارار يىغىنى، ياۋروپادىن چېكىنىشكە ئالاقىدار بېلەت تاشلاشنىڭBپىلانى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇندىن باشقا بازار يەنە غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات دوكلاتىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى دىققەت نۇقتىسى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دېلاجى ياۋروپا پارلامېنتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق سۆزى، ئۇندىن باشقا، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكا ئەمەلدارى سۆز قىلىدۇ.

تەھلىلچى Chris Vermeulenمۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسى بۇ يىل 5-ئايدا ياكى 6-ئاي ئەتراپىدا چوڭ دائىرلىك يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشتىكى توسالغۇ نۇقتىسى 1325دوللار، تۆۋەن يۆنىلىشىتىكى چوڭ تىرەش نۇقتا 1200دوللار بولۇپ، كەلگۈسى 23-ئاي ئىچىدە 1200دوللاردىكى باھاغا چۈشۈپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەڭ ئاۋال دىققەت قىلىدىغان نۇقتا 1240دوللار دەپ مۆلچەرلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.