زاپاس مىقدارى دوكىلاتىنىڭ نېفىت باھاسىغا بولغان تەسىرى

kudret 2019-01-17 17:59:56

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 2‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.2 دوللار ئۆرلەپ، 52.31 دوللار\باك بولدى. برېنت 3‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.68 دوللار ئۆرلەپ، 61.32 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكا زاپاس مىقدارى دوكىلاتىنىڭ پايدىلىق ھەم پايدىسىز بولغان ئۇچۇلىرى سەۋەپلىك نېفىت باھاسى كۈن ئىچىدە بېسىمغا ئۇچرىدى، بىراق دوللار باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھالىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى يەنىلا نېفىت باھاسىغا ئۈنۈملىك تىرەش شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 52.52 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 61.45 دوللار\باك بولدى.
تۆنۈگۈن كەچ نېفىت باھاسى كىچىك كۆلەمدە تۆۋەنلەشنى ئاساس قىلدى، ھازىر 52 دوللار ئەتراپىدا باھادا تەۋرىنىشنى ئاساسقىلدى. گەرچە EIA نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بېنزى ۋە ھاسىلات ماي زاپاس مىقدارى چوڭ كۆلەمدە قوشۇلغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلىك بولىشى ھەم 96 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىدىن ئېشىپ كېتىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھالىتىگە كىچىك ھالدا توسالغۇ شەكىللەندۈردى. تېخنىكا يۈز جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى ھازىر تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولىۋاتىدۇ، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىمىز كېرەك.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.