كۈمۈش باھاسى ھالقىلىق تىرەش كۈچىگە ئۇچراۋاتىدۇ

rabigul 2019-01-17 16:35:32

\

1-ئاينىڭ 16-كۈنى نەق كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى پەسىيىپ، ھازىر بايراق شەكىللىك ھالىتىدە تەۋرىنىۋاتىدۇ. كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دوللار كۆرسەتكۈچى قايتىدىن ئۆرلىدى. نۆۋەتتە بازار كۈمۈش باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى يەنىلا بىر قەدەر ياخشى دەپ قارايدۇ، كۈمۈشنىڭ خەۋپ - خەتەر تەتۈر كۆرسەتكۈچى نۆۋەتتە نىسبەتەن يۇقىرى نۇقتىدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ بازارنىڭ كۈمۈشنىڭ ئۆرلىشىگە نىسبەتەن قەرەللىك ھوقۇقى ئېھتىياجىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇمۇ كۈمۈش باھاسىنى تىرەش كۈچى بىلەن تەمىنلىدى. كەچتە، مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋروپا رايونى CPI ۋە ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلىش سوممىسى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

دوللار كۆرسەتكۈچى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ 96 دىكى پۈتۈن سان ئۆتكىلىدە تەۋرەندى؛ ئاخشام دوللار كۆرسەتكۈچى 96.20 دىكى توسالغۇ نۇقتىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن كىچىك نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىكى يۈزلىنىشى يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك. دوللار كۆرسەتكۈچى ھازىر تۆۋەنلەش لىنىيىسىدە تەۋرىنىۋاتىدۇ، لېكىن 20 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىق ۋە يۇقىرىقى رېلىس سىزىقىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۆرلىشى ئۈچۈن 96.20 دىكى بېسىم نۇقتا ئەتراپىدا بازار يېپىلىشى كېرەك. لېكىن دوللار كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا بېسىمغا ئۇچراپ، 40 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقتىن 60 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىققا تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇمۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش كۆز قارىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.