مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى دوكلاتىدىن بۇرۇن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك

parida 2018-04-18 15:04:33

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا ماي باھاسى سەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى. مەبلەغ سالغۇچىلار ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى دوكلاتى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەمدە دوللارنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ماي باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلماقتا. ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 66.75 دوللارغا چىقتى، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 71.89 دوللارغا چىقتى.
ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API) بۈگۈن ھەپتىلىك خام نېفىت زاپسى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، ئارقىدىن ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) مۇ ئايلىق نېفىت زاپسى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. نېفىت بازىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى تەخمىنەن بىر مىليۇن 900 مىڭ تۇڭ ئازايغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا سۇرىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىش ئەھۋالى يۇقىرى بولمىدى، بازارنىڭ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى سەل ياخشىلاندى، بۇ سەۋەبتىن پايچەك، خام نېفىت قاتارلىق خەۋپ-خەتەر تۈرىدىكى مۈلۈكلەرنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يۇقىرىلىدى. ئەمما ئەگەر سۇرىيە ۋەزىيىتى يەنىمۇ كۈچەيسە، يەرلىكنىڭ خام نېفىت توشۇش ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئىنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Fatih Birol مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خام نېفىت بازىرى ناھايىتى تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلدى، ئەمما ماي باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرىلىشى ئامېرىكا سلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، قىسمەن ئىشىلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ماي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلماسلىقى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا سلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىشى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەركىتى ئوتتۇرسىدا بىرخىل «شاھمات ئويۇنى» ئەندىزىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەرئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلماقتا، بۇمۇ ماي باھاسىنىڭ ۋاقتىنچە يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.