نېفىت باھاسى ئۇزۇن مۇددەتتە 69 دىكى باھانى نىشن قىلىپ ئۆرلەۋاتىدۇ

kudret 2018-01-11 23:49:43

\

چارشەنبە كۈنى 2‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.61 دوللار ئۆرلەپ، 63.57 دوللار\باك بولدى. برېنت 3‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.38 دوللار ئۆرلەپ، 69.20 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنلىشى نېفىت ئۆسۈش مېلىغا ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى، ھەممىدىن بەك دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا كۇشىن رايونىدىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 5 يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 63.67 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 69.37 دوللار\باك بولدى.

چارشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاساس جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتى، ھەمدە خاتىرىسىدە كېرسىت يۇلتىزى شەكىللەندۈردى. نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئابھاسى 63.67 دوللار\باك بولدى، تۆۋەن باھاسى 63.09 دوللار\باك بولدى.

چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى يۇقىرى باھادا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ھەم بازاردا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى ئورۇندا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ھازارقى ئەھۋالدىن قارىغاندا نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆسۈش يولى ئېچىلدى، يۇقىرى نۇقتىدىكى نىشانى 65 دوللار، تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان نىشانى 69 دوللار بولدى، بۇ ئورۇن 2014-62016 يىلى ئارلىقىدىكى تۆۋەنلىگەن 50% بوشلۇقنى قايتۇرۋالدى.

مەسلىھەت سوراش ئالاقە نۇمۇرى
13639970620

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.