نېفىت بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دېققەت نۇقتىسى

kudret 2017-09-13 16:32:44

\

سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ، چۈنكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OPEC نىڭ ئايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە 8‏-ئايلىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كېمەيتىش ھەرىكىتى بازاردىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللارنىڭ ئۆرلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرۇشىمۇ نېفىت باھاسىغا تېرەش ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھاسى 48.44 دوللار\باك بولدى ، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھاسى 54.42 دوللار\باك بولدى .

OPEC ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى ، 2018‏-يىلى نېفىت بازىرىنىڭ OPEC تەشكىلاتىنىڭ نېفىتىغا بولغان ئېھتىياجى ئۆرلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىككى قېتىملىق قارا بوران ئامېرىكېنىڭ نېفىت ئېھتىياجىغا بولغان ئىپادىسىگە تەسىر يەتكۈزدى .

بازار قارا بوران ئەيېرمانى ، خارۋې ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن .

ئايلىق دوكلاتىدا ئىپادىلىشىچە OPEC تەشكىلاتى ئەزا 14 نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتنىڭ 8‏-ئايلىق ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا كۈنىگە 79000 مىڭ باك تۆۋەنلەپ ، كۈنىگە 32 مىليون 76000 باك بولۇپ ، ئېھتىياجنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان .

OPEC باش كاتىپى (Mohammed Barkindo) تۆنۈگۈن نۇتىقىدا مۇنداق دېدى ، نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش كېمەيتىش ھەرىكىتى ھازىر بازارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نېفىت ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولىشى يەنە بىر قەدەم نېفىت زاپاس مىقدارىنى ئازايتتى .

OPEC تەشكىلاتى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆرسۈتۈپ بېرىشىچە ، نېفىت زاپاس مىقدارى ئازىيىشقا باشلاپتۇ ، ھەم برېنت قەرەللىك نېفىتى يېقىنقى مەزگىلدىكى توختام باھاسى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ ، يەنىمۇ نېفىت بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلاشقانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نېفىت بازىرىنىڭ ھازىر پۈتتۈن دېققىتى ، ئامېرىكا قارا بوران ھاۋا كېلىماتى نېفىت زاپاس مىقدارىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ . ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى API ۋە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى EIA بۈگۈن ئايرىم‏-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ .

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.