P2P بىلەن ھاۋالىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

parida 2017-09-13 18:22:52

\

P2P بىلەن ھاۋالە ئوتتۇرسىدا تۆۋەندىكىدەك پەرقلەر بار:
1.مەبلەغ سېلىش بوسۇغىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلىگە قارىغاندا، P2P پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ بوسۇغىسى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ، يۈز يۈەن بولسىمۇ مەبلەغ سالغىلى بولىدۇ. ئەمما ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلە شەكلىدە ئادەتتە سېلىنىدىغان مەبلەغ مىليۇن يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ ئاساسلىقى پۇلدارلارغا قارىتىلغان.
2.ئىككى خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى ئوخشاش بولمايدۇ. پۇل-مۇئامىلىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلى قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان، شۇڭا ئۈنۈمىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ پايدا نىسبىتى تۇراقلىق بولىدۇ.
3.ئىككى خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. P2P پۇل-مۇئامىلىسىدە ئاساسلىقى شەخس بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدا پۇل قەرز بېرىلىدۇ ۋە قەرز ئېلىنىدۇ، شۇڭا پۇل قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇلازىمەت سۇپىسى ئالدىنئالا تەكشۈرۈش قىلىدۇ، يەنە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى نازارەت قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلىدە بۇنداق بولمايدۇ.
4. ئىككى خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرى ئوخشاش بولمايدۇ. P2P پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى سەل يۇقىرىراق بولىدۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار توغرا مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللىغاندىلا، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؛
5. ئىككى خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلىدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلە شەكلىدە مەبلەغ ئاساسەن چوڭ تۈرلەرگە سېلىنىدۇ، مۇددىتىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمما P2P پۇل-مۇئامىلىسىدە، مەبلەغ ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ياكى شەخسلەرگە قارىتىلغان بولىدۇ، ئۈنۈمىمۇ تېز بولىدۇ.
6. ئىككى خىل پۇل-مۇئامىلە شەكلىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. P2P پۇل-مۇئامىلىسىدە ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم قىسقا مۇددەتلىك شەكلى بار، ۋاقتى تۇراقسىز بولىدۇ. مەبلەغ سېلىش ۋاقتىنى مەبلەغ سالغۇچى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. ئەمما ھاۋالىلىك پۇل-مۇئامىلىدە، مەبلەغ سېلىش ۋاقتى ئادەتتە مۇقىم بولۇپ، بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.