ئەگەر مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتىش كېلىشىمى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن

parida 2017-09-06 16:12:07

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رۇسيە ئېنىرگىيە مىنىستېرى Alexander Novak نىڭ چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 6-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش ۋەزىيىتى ئىزچىل داۋاملاشسا، رۇسيە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشنى ئويلىشىدىكەن. Alexander Novak مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر نېفىت بازىرى يەنىلا تەڭپۇڭ بولمىسا، بىز مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىشنى ئويلىشىمىز، زۆرۈر بولسا بىز چوقۇم بۇ ھەقتە ئېنىق قارار چىقىرىمىز.
Alexander Novak نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2018-يىلى برېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 55-45 دوللار ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. Alexander نىڭ ئاشكارلىشىچە، جۇڭگو رۇسيەدىن كېلەر يىلى رۇسيەدىن ئۆتىدىغان تىنچ ئوكيان Kozmino پورتىدىن تەخمىنەن 3 مىليۇن 500 مىڭ توننا خام نېفىت توشۇش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىنى، شەرقىي سىبىرىيە-تىنچ ئوكيان تۇرۇبا لېنىيىسىدىكى توشۇش سانىنى ئازايتىش ياكى ئازايتماسلىق توغرىسىدا سورىغان. شەرقىي سىبىرىيە-تىنچ ئوكيان تۇرۇبا لېنىيىسى رۇسيە چېگرىسىدا ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، تۈز يەتكۈزۈش لېنىيىسى جۇڭگوغا تۇتىشىدۇ، يەنە بىر قىسىمى بولسا Kozmino پورتىدىن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا رايونلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.