ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوران نېفىت بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى

parida 2017-09-06 15:43:22

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 10 كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا-مېكسىكا دېڭىز قولتۇقىدا كۆتۈرۈلگەن Harvey قارا بورىنىدا نۇرغۇن نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرى تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان، خام نېفىت ئېھتىياجى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن ئىدى، چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ماي باھاسى يەنە تۆۋەنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا كۆتۈرۈلگەن 5-دەرىجىلىك Irma قارا بورىنىمۇ بازارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، Irma قارا بورىنى نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە Caribbean رايونىدىكى مۇھىم نېفىت لېنىيىلىرىگە ھۇجۇم قىلماقتا. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، Harvey قارا بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرى ۋە نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا نېفىت ساھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئۇزۇن بىر مەزگىلگە موھتاج.
ئامېرىكا دۆلەت قارا بوراننى كۈزىتىش مەركىزى (NHC) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، Irma قارا بورىنى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان 5-دەرىجىلىك قارا قويۇن بولۇپ، شامال كۈچى سائىتىگە 185 كلومېتىرغا يېتىدىكەن، كەلگۈسى بىرقانچە كۈن ئىچىدە Irma قارا بورىنىنىڭ داۋاملىق 5-4 دەرىجىدە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. Irma قارا بورىنىدىن كېيىن ئاتلانتىك ئوكياندا يەنە بىر قارا قويۇن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە مېكسىكا دېڭىز بوغۇزىدا ھەرىكەت قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.