OPEC نىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كەلگۈسى تۆت ھەپتىدە زور مىقداردا ئازىيىدۇ

parida 2017-08-25 15:28:39

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى Oil Movements نىڭ پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 24-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە تۆت ھەپتە ئىچىدە ئانگولا، ئېكۋادور ۋە گابوننى ھېسابلىمىغاندا، OPEC غا ئەزا باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ترانسپورتى ئارقىلىق توشۇلىدىغان خام نېفىت مىقدارى 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان تۆت ھەپتىكىدىن 600 مىڭ تۇڭ ئازىيىدىكەن.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋېينادا ئېچىلغان يىغىندا، OPEC ۋە غەيرىي
OPEC تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، كۈنىگە بىر مىليۇن 800 مىڭ تۇڭ نېفىت ئازايتىش كېلىشىمىنى 2018-يىلى 3-ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما غەيرىي OPEC تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى پىلانغا يەتمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەيرىي OPEC تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىگە يېڭىدىن ئەزا دۆلەتلەر قوشۇلمىغان. OPEC تەشكىلاتى ۋە غەيرىي OPEC تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېيىنكى بىر قېتىملىق مىنىستېر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.