بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى مەركىزىي بانكىلارنىڭ يىللىق يىغىنىغا مەركەزلەشتى

rabigul 2017-08-25 16:14:42

\

FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ رەئىسى يېلېن ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) نىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى جىكسون خول پۈتۈن دۇنيادىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ يىللىق يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەبلەغ سالغۇچىلار نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولدى. لېكىن بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، خەۋپ-خەتەر مۈلكى تىرەشكە ئۇچرىدى.

بۇ ھەپتە پۈتۈن دۇنيادىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى جېكسون خول يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىغا يىغىلىدۇ، كەچتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى(FED) رەئىسى يېلېن ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) نىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ، بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار سۆزىدە ئىمكانقەدەر بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇشى، سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى بەك ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماسلىقى مۇمكىن.

داۋمىڭ ئاكسىيىسى(TD Securities) ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېدى، مۆلچەرلىنىشىچە جۈمە كۈنى يېلېننىڭ نۇتۇق مەزمۇنىدا ھېچقانداق چوڭ كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بىر خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇت، يەنى يېلېن پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن. بۇ بازارغا نىسبەتەن بىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال.

\
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.