ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-16 16:54:10

\

FX168 مالىيە – ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API) سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان، بېنزىن زاپسى كۈتۈلمىگەندە ئاشقان، چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپسى تۆۋەنلىگەن.

(API) دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى 9 مىليۇن 200 مىڭ تۇڭ ئازايغان، تەھلىلچىلەر 3 مىليۇن 100 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە بېنزىن زاپسى 301 مىڭ تۇڭ ئاشقان، تەھلىلچىلەر بىر مىليۇن 100 مىڭ تۇڭ كېمىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. چەككىلەنگەن ماي زاپسى 2 مىليۇن 200 مىڭ تۇڭ كېمەيگەن، تەھلىلچىلەر 572 مىڭ تۇڭ كېمىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى ھەپتە كۈندىلىك خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى 240 مىڭ تۇڭ كېمەيگەن، چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت پىششىقلاش مىقدارى 7000 تۇڭ ئاشقان.

داڭلىق پۇل-مۇئامىلە بىلوگى تورى Zerohedge نىڭ باھا بېرىشىچە، خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان، 2016-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتقان، ئەمما ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48 دوللاردىن ئاشالمىغان. فرانسىيە پارىژ بانكىسى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار مەركىزىنىڭ باش تاكتىكىچىسىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلىشى پەسىللىك ئۆزگىرىشكە مۇۋاپىق بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سلانېتىس مېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، نېفىت بازىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.