FOMC نىڭ يىغىن خاتىرىسى ئالتۇن باھاسىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

parida 2017-08-16 17:42:13

\

سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىققان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى چۈشۈشتىن توختاپ ئۆرلەشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالتۇن بازىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزدى. نەق ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئىككى سودا كۈنىگىچە ئۆسكەندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ياۋرۇپا ۋاقتى بىلەن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى ھەمدە ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 17-كۈنى) سەھەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ۋە جەدۋەل قىسقارتىشى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

Berkeley بانكىسى تەھلىلچىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىدە جەدۋەل قىسقارتىش ۋاقتى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلار بولۇشى ھەمدە پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردەك پىكىرگە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر بانكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 9-ئايدا جەدۋەل قىسقارتىشنى باشلىشى مۇمكىن، ئەمما فېدېراتسىيە كومىتېتى دۇچ كېلىدىغان قېيىنچىلىقلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ. ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئېشىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە تۆۋەن نۇقتىدا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 67-1265 دوللارلىق ئۆتكەلنى ساقلىيالمىسا، ئۇنداقتا تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ 100 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1254 دوللارغا چۈشۈشى مۇمكىن ؛ يېقىن مەزگىلدە ئۈستۈنكى قارشىلىق كۈچى نۇقتىسى 1277 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن يەنە قايتا بۇ نۇقتىغا چىقىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.