ماي باھاسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل زادى نىمە؟

parida 2017-08-10 17:37:11

\

ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە بانكىسى كۆپ مىقدارلىق تاۋار مەركىزىنىڭ تەھلىلچىسى Daniel Hynes نىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت ۋە سېلانېتس مېيى مىقدارىنىڭ ئېشىشى – ماي باھاسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. تۆنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان EIA نېفىت سانلىق مەلۇماتىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك خام نېفىت زاپسى تۆۋەنلىگەن، ئەمما بېنزىن زاپسى يۇقىرىلغان، ماي باھاسىنىڭ ئىنكاسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغان. Daniel Hynes نىڭ قارىشىچە، نېفىت بازىرى بۇ يىلنىڭ قالغان يېرىمىدا قىس بولۇشى، ماي باھاسى 50 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا سلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات مەبلەغ سالغۇچىلارنى نېفىت بازىرىنىڭ قىس بولۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن، نېفىت بازىرى يەنىلا ناھايىتى ئېھتىياتچان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا چاۋشىيەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ئالتۇن قاتارلىق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش تاۋارلىرىدىن باشقا تاۋار بازىرى پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.