مەبلەغ سالغۇچىلار دىققىتىنى ئامېرىكا PPI كۆرسەتكۈچى ۋە Dudley نىڭ سۆزىگە مەركەزلەشتۈردى

parida 2017-08-10 14:26:12

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) پەيشەنبە كۈنى يەنى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ. توكيو IG Securities نىڭ تاشقى پېرېۋوت تاكتىكىچىسى Junichi Ishikawa نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەپتە ئامېرىكا دوللىرى ئۈچۈن ھالقىلىق بىر ھەپتە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما 10 يىللىق دۆلەت زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، پۇل قىسلىقىنىڭ ئاستا بولۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتەلمىدى. (CPI) ۋە (PPI) سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغاندىلا ئاندىن پۇل پاخاللىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، پۇل پاخاللىقى توغرىسىدىكى ئەندىشە يوقالغاندىلا ئاندىن دوللار كۆرسەتكۈچىدە ھەقىقىي بۇرۇلۇش ھاسىل بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىدىكى «3-نومۇرلۇق شەخس»، نيۇيورك فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى William Dudley بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى سائەت 22:00 دە، رايونلارنىڭ ئىش ھەققى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ. پېڭبو ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر Dudley ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى توغرىسىدا سۆزلەپ قالسا، بۇ مۇھىم پۇل سىياسىتى ئۇچۇرى بولۇپ قالىدۇ. يېقىنقى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاجىز بولۇشىغا ئاساسلانغاندا، Dudley نىڭ 4-پەسىلدە ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدىكى قارىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.