يىغىن نەتىجىسى نېفىت باھاسىغا پايدىلىق بولدى

xayida 2017-08-09 17:19:32

\

سەيشەنبە كۈنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلات ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : ھەرقايسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش ئىرادىسىنى بىلدۈردى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى جەھەتتە ئارقىدا قالدى ، مەسىلەن ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، قازاقىستان، ئىراق شۇنىڭدەك مالايسىيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا قوشۇلدى .

بۇ قېتىمقى يىغىندا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش بىرلەشمە تېخنىكا كومىتېتى (JTC) بىر ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى . روسىيە ، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە موپىك ۋيېنا باش ئەمەلدارى تەركىب تاپقان بىر كومىتېت ، ئىراق ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى , قازاقىستان بىلەن مالايسىيادىن كەلگەن ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى .

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.