ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-09 17:19:51

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API) سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىگەن، چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشقان ھەمدە بېنزىن زاپسى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشقانلىقتىن، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن ئاشقان.
(API) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى 7 مىليۇن 839 مىڭ تۇڭ ئازايغان، تەھلىلچىلەر 2 مىليۇن 700 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. كۇشىڭ ئىسكىلاتىدىكى خام نېفىت زاپسى 319 مىڭ تۇڭ ئاشقان. تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خام نېفىت كۈندىلىك ئىمپورت مىقدارى 30 مىڭ تۇڭ ئازايغان، چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ خام نېفىت پىششىقلاش مىقدارى كۈنىگە 910 مىڭ تۇڭ ئاشقان. (API) سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا نېفىتى ۋە برېنت خام نېفىتىنىڭ قىسقا سىزىقى ئوخشاشلا يۇقىرىلىدى.
داڭلىق پۇل-مۇئامىلە بىلوگى تورى Zerohedge نىڭ باھالىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە (API) سانلىق مەلۇماتى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى چىققاندىن كېيىن، بۇ ھەپتىدە (API) سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ مۆلچەرىدىكىدەك تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئامېرىكا نېفىتى ۋە برېنت خام نېفىتىنىڭ قىسقا سىزىقى يۇقىرىلىدى؛ ئەمما، بېنزىن زاپسى كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشتى، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى ئاز نىسبەتتە بېسىمغا ئۇچرىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.