قەھۋە باھاسى ئۇدا ئۈچ ھەپتە يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-10-20 12:28:00

\


ئامېرىكا نىيۇيورك ICE قەرەللىك سودا مەركىزىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 12- ئايلىق ئەرەب قەھۋەسى بازار يېپىلىش باھاسى 0.6% تۆۋەنلەپ، 1.5785 دوللار/باك بولدى.

9- ئاينىڭ1- كۈنىدىن باشلاپ، باھا ئۇدا بەش كۈن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۆسۈش دائىرسى ئەڭ ئۇزۇن بولدى؛ سەيشەنبە كۈنى 1.596 دىكى نۇقتىغا چىقىپ، 9- ئاينىڭ22- كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھانى كۆرسەتتى، لېكىن يامغۇر سۈيىنىڭ كەمچىل بولۇشى كىلەر يىللىق جەنۇبىي ئامېرىكا زىرائىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

برازىليە رايونى 10- ئاينىڭ ئاخىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان يامغۇرلۇق ھاۋارايىنى كۈتىۋالىدۇ.

تەتقىقاتچى F.O.Licht دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، ئەگەر يامغۇر سۈيى يىتەرلىك بولغاندا، برازىليە 2017-2018 نىڭ زىرائەت مەھسۇلات مىقدارى ئېشىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر باشقا مەسىللەر بولمىغاندا، باھا كۆپ ئۆسەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە يامغۇر ئەھۋالى تۇراقسىز بولۇپ، پەقەت 11- ئاي ۋە 12- ئايدىلا يامغۇر سۈيى كۆپىيىدۇ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە قەھۋەنىڭ تەمىنلىنىشى يىتەرلىك.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.