3 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇنازىرسىدە زادى كىم يېڭىدۇ؟

rabigul 2016-10-20 13:09:33

\

10-ئاينىڭ 20-كۈنى ( پەيشەنبە) ئەتىگەن سائەت 9:00 دا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك مۇنازىرسىى لاسۋىگاستىكى نېۋادا ئالىي مەكتىپىدە " چوڭ تەسىر " پەيدا قىلدى. پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھىلارى تىراپتىندىن 9 پىرسەنت پوئېنتى ئالدىدا بولۇپ، ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن بولغان. نۆۋەتتىكى سايلام رىقابىتى ھالىتىدىن قارىغاندا، 11 - ئايدىكى چوڭ سايلامدا، ھىلارى نۇرغۇن ھەل قىلغۇچ سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر تىراپ يەنە ئاق سارايغا تۇرۇشنى خالىسا، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە يەڭدى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟

3 - مەيدان مۇنازىرىدە ئېلىپ بارغان ئالتە تېما: " قەرز ۋە تېگىشلىك ھوقۇق - مەنپەئەت " ، " پۇقرالارنى كۆچۈرۈش" ، " ئىقتىساد" ، " ئالىي سوت مەھكىمىسى" ، " خەلقئارا قىزىق نۇقتا" ۋە " زۇڭتۇڭنىڭ سالامەتلىكى" قاتارلىقلار بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەر بىر تېما ئۈستىدە 15 مىنۇت مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئاخىرقى مۇنازىرسى باشلانغاندىن كېيىن، بازارنىڭ ئىنكاسى ئومۇمىي جەھەتتىن چەكلىك بولۇپ، دوللارنى كانادا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 1.3140 ئەتىراپىدا سىزىقلىق تەۋرىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.