قەرەللىك مال ئېنىرگىيە ئۇچۇرلىرى

ilkan_1 2024-12-05 12:52:11

\

دۆلەت ئاشلىق - ماي ئۇچۇر مەركىزى: مۆلچەرلىنىشىچە،12 - ئايدا پالما مېيى باھاسى يۇقىرى داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرىدىكەن.
ئېلىمىزنىڭ پالما مېيى باھاسى ئاساسلىقى خەلقئارادىن ئىمپورت قىلىنغان پالما مېيى تەننەرخى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پالما مېيى ۋە سەپلىمە ماي تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.
خەلقئارا جەھەتتە، يېقىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، پالما مېيى مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2025 - يىلى ھىندونېزىيە B40 ياغاچ ماتىرياللىرى ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى، كەلگۈسىدە پالما مېيى بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ، پالما مېيى باھاسىغا داۋاملىق تىرەك بولىدۇ. دۆلەت ئىچى جەھەتتە، كېلەر يىلى 1 - پەسىلدە ئېلىمىز ئىمپورت قىلغان پالما مېيىنىڭ پايدىسى يەنىلا تەتۈر بولۇپ، پالما مېيىنىڭ ئامبار زاپىسى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى داۋاملىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پالما مېيى باھاسىغا داۋاملىق تىرەك بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، دۆلەت ئىچىدىكى پالما مېيىنىڭ باھاسى يەنىلا كۈچلۈك ھالەتتە تۇرىدىغان بولسىمۇ ، ئەمما يۇقىرى باھا ئىستىمالنى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەيدىكەن،12 - ئايدا پالما مېيىنىڭ باھاسى يۇقىرى ھالەتنى ساقلايدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.