5-دېكابىردىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2024-12-05 12:46:13

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ 5-دېكابىر دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
1. خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
مۆلچەرلىنىشىچە،5 - ئاپرېل ئەتىگەندىن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، خېبېينىڭ جەنۇبى، خېنەننىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، شەندۇڭنىڭ غەربى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا شىمالى، جياڭسۇنىڭ غەربى شىمالى، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ غەربى، شىنجاڭنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قويۇق تۇمان بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېينىڭ جەنۇبى، خېنەننىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، شەندۇڭنىڭ غەربى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىردىن تۆۋەن بولغان قويۇق تۇمان بولىدىكەن قىسمەن جايلاردا كۆرۈش ئارىلىقى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولغان قويۇق تۇمان بار. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 5-دېكابىر سائەت 6دە داۋاملىق تۇماندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.
2. غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قاتارلىق جايلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ .
12ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنىدىن 7ـ كۈنىگىچە، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، گۇئاڭشىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ؛ شەرقىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تەيۋەن بوغۇزى، باشى بوغۇزى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق دېڭىز رايونلىرىدا 7 ~ 6 بال، ئۆتكۈنچى شامال 9 ~ 8 بال بوران چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،5 - دېكابىردىن 6 - دېكابىرغىچە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي شىمال قىسمى، خېيلۇڭجياڭ، جىلىننىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.