ئەتتىگەنلىك زاكاز مال مۇھىم خەۋەرلىرى

ilkan_2 2024-09-30 12:56:17

\

1.شاڭخەي سۇ تىرانسپورتى سودا ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، شاڭخەينىڭ ئېكسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ توشۇش ھەققى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 2135.08 نۇقتا مەلۇم بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 231.16 نۇقتا تۆۋەنلىگەن؛ جۇڭگونىڭ ئېكسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ توشۇش ھەققى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 1638.42 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى ساندىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 6 تۆۋەنلىگەن.

2.جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى مۇنداق بىلدۈرگەن:قەرز پۇل ئېلىپ تۇرالغۇ سېتىۋالغان ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە قارىتا، سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىدا تۇنجى يۈرۈش، ئىككى يۈرۈش ئۆي پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان بولغان، ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى بىردەك % 15 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

3.9-ئاينىڭ 29-كۈنى، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان:ئاھالىلەرنىڭ مۇشۇ شەھەردىن ئۆي سېتىۋېلىشىدىكى تۈرلۈك سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇش ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

4.9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سىستېما تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتكەن. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن:شەھەر ئۆي-زېمىن كەسپى بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆي-زېمىن پۇل مۇئامىلىسى سىياسىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

5.تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تەخمىنەن 30 پولات زاۋۇتى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى تەڭشىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، رېزبىلىق پولاتنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 20 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلگەن.

6.پولات-كۈمۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەپتە شەھەر ئومۇمىي ئامبىرىنىڭ ساقلانما مىقدارى 7 مىليون 803 مىڭ 500 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرما نىسبىتى 654 مىڭ 600 توننا ( % 7.74-% 7.74 ) ئازايغان، بۇ ھەپتە قۇرۇلۇش پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ئامباردا ساقلانغان ئومۇمىي مىقدارى 3 مىليون 128 مىڭ 400 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرما نىسبىتى 430 مىڭ 900 توننا ( % 12.11-) ئازايغان ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرما نىسبىتى 119 مىڭ 600 توننا (% 3.95-) ئازايغان.

7.Mysteel مەملىكەت بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدىكى تولۇق ئەۋرىشكىلىك ياغ زاۋۇتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 39-ھەپتە ( 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ) ياغ زاۋۇتىدا دادۇردىن ئەمەلىي سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 75 مىڭ 300 توننا بولۇپ، ماشىنىلىشىش نىسبىتى % 59 بولغان؛ مۆلچەرلەنگەن مىقداردىن 1500 توننا تۆۋەن بولغان.

8.بىرازىلىيە قومۇش شېكىرى كەسپى جەمئىيىتى ( Unica ) مۇنداق دېگەن:9-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىرازىلىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىنىڭ شېكەر مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 124 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون 126 مىڭ توننا بولغان. شېكەر قومۇشىدىن سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 42 مىليون 933 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 41 مىليون 903 مىڭ توننا بولغان. ئېتىل ئالكوگول مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليارد 435 مىليون لىتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 2 مىليارد 132 مىليون لىتىر بولغان.

9.خەلقئارا ئاليومىن كەسپى جەمئىيىتى ( IAI ) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىنىڭ 8-ئايدىكى ئاليومىن ئوكسىدى مەھسۇلات مىقدارى 12 مىليون 512 مىڭ توننا بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 403 مىڭ 600 توننا بولغان. 7-ئايدا يەر شارىۋى ئاليۇمىن ئوكسىدىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 12 مىليون 511 مىڭ توننىغا تۈزىتىلگەن، جۇڭگونىڭ 8-ئايدىكى ئاليۇمىن ئوكسىدىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن مەھسۇلات مىقدارى 7 مىليون 400 مىڭ توننا بولغان.

10.لۇڭجۇڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە لەيلىمە ئەينەك مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 153 مىڭ 700 توننا بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى % 1.26، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.14 بولغان. شۇ ھەپتىدىكى تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سۇ قويۇپ بېرىپ سوغۇق رېمونت قىلىپ، ھەپتىلىك تەمىنلەش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرغان. تەمىنلەش مىقدارىدا ئېشىش بىلەن تۆۋەنلەش تەڭ مەۋجۇت، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەپتىلىك مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 145 مىڭ 400 توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن.

11.Wind سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولغان ھەپتە ئىچىدە، ئۆزى كۆپەيتكەن، ئۆزى باققان تىرىك چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ھەر تۇياققا 368.14 يۈەن، 9-ئاينڭ 20-كۈنى ھەر تۇياققا 463.56 يۈەن پايدا بولغان؛ سىرتتىن سېتىۋېلىنغان چوشقا كۈچۈكى باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ھەر تۇياققا 185.28 يۈەن، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەر تۇياققا 284.21 يۈەن پايدا بولغان.

12.دۆلەت ئاشلىق-ياغ ئۇچۇر مەركىزى مۇنداق بىلدۈرگەن:تېرىقچىلىقتىن قىلىنغان سېلىشتۇرما پايدا ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شەرقىي شىمال رايونىنىڭ دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن سەل ئاشىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دادۇر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 3-يىلى 20 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەندىزىسى يەنىلا داۋاملىشىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.