قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2024-09-30 12:40:57

\

ئىمپورت قىلىنغان ئاساسلىق پاختا پورتلىرىنىڭ ئامبار زاپىسى ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى% 0.7، ئومۇمىي ئامبار زاپىسى 484 مىڭ 500 توننا بولغان

Mysteel تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، ئىمپورت قىلىنغان ئاساسلىق پورتلارنىڭ ئامبار زاپىسى ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.7 ئاشقان، ئومۇمىي ئامبار زاپىسى 484 مىڭ 500 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەندۇڭ رايونىدىكى چىڭداۋ، جىنەن پورتلىرى ھەم ئەتراپتىكى ئامبارلاردىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 395 مىڭ توننا بولۇپ، ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.76 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئامبار زاپىسى % 68.1 يۇقىرى بولغان؛ جياڭسۇ رايونىدىكى جاڭجياگاڭ پورتى ھەم ئەتراپتىكى ئامبارلاردىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 54 مىڭ 500 توننا، باشقا پورتلارنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 35 مىڭ توننا بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.