يەر شارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۈندىلىك مۇھىم ئۇچۇر ئومۇملاشتۇرۇلىشى

ilkan_1 2024-05-08 11:22:47

\

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ماي خەۋەر قىلىشىچە، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىگىرى لۇئىس دافۇس ( Louis Dreyfus ) سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 2023/24 يىللىق ئېشىپ قالغان 2 مىليون 500 مىڭ توننا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2024/25 يىللىق يەر شارى شېكەر بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلىنىشىچە 800 مىڭ توننا ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ بىرازىلىيەنىڭ شېكەر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئىستىقبالىدا يەنىلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. لۇيىدافۇ شېكەرچىلىك مەسئۇلى Enrico Biancheri نيۇيورك شېكەرچىلىك ھەپتىلىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەگەر ھىندىستان ھۆكۈمىتى پىلان بويىچە ئېتىل ئالكوگول پىلانىنى يولغا قويسا، ئۇنداقتا تايلاند ۋە ياۋروپانىڭ شېكەر قومۇشى ۋە قىزىلچا تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىشتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مەھسۇلات مىقدارى 2024/25 يىلى ( 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 9-ئايغىچە ) ھىندىستاننىڭ كېمەيگەن مەھسۇلات مىقدارى تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلىدۇ، دېگەن . لۇئى دافۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تايلاندنىڭ 2024/25 يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 600 مىڭ توننا ئېشىپ، 10 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، ياۋروپا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 800 مىڭ توننا ئېشىپ، 17 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. Biancheri مۇنداق دېگەن : «بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىشى پۈتۈن يەر شارىنىڭ شېكەر مەھسۇلات مىقدارىنى 2 مىليون 500 مىڭ توننا ئاشۇرىدۇ.» ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن : بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، بىر قىسىم دانلىق زىرائەت ئېتىزلىرى ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا شېكەر قومۇشى تېرىشقا ئۆزگەرتىلگەن، تايلاندتا شېكەر قومۇشىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئىلگىرىكى مانىخوت ئېتىزلىرىغىچە كېڭەيتىلگەن . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : كۆپ قىسىم تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىشى بۇلتۇر شېكەر باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىر زىرائەتلەرنى تېرىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز.
ئالدىنقى ھەپتە ئىچكى-تاشقى پاختا باھا پەرقى ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا 231 يۈەن كېڭەيگەن، جۇڭگو پاختا جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك تېز خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ( 28-ئاپرېلدىن 3-مايغىچە )، دۆلەت ئىچىدىكى پاختا بازىرىدا ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كارخانىلارنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، زاكاز تالونى ئاجىزلاپ، ئېھتىياج ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساپ پاختا بىلەن تەمىنلەش داۋاملىق كەڭ بولغان، كارخانىلار خالىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىپ، خالىغان ۋاقىتتا سېتىۋالغان، پاختا باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. خەلقئارا بازاردا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرى ئاجىزلىغان ، ئامېرىكا پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ كىلىمات شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشى، ئامېرىكا پاختا شىركىتىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، خەلقئارا پاختا باھاسى پۈتۈن ھەپتە تۆۋەنلىگەن ، يېقىنقى بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى دۆلەت ئىچىدىكىدىن چوڭ بولغان ، ئىچكى-تاشقى پاختا باھا پەرقى يەنە كېڭەيگەن . جۇڭگو پاختا باھا كۆرسەتكۈچى ( CCIndex 3128B ) ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە باھاسى 16671 يۈەن/توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 151 يۈەن تۆۋەنلىگەن؛ Cotlook A كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە باھاسى 85.6 سېنت/قاداق بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.3 سېنت/قاداق تۆۋەنلىگەن، %1 تاموژنا بېجىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 14956 يۈەن/توننا ( 200 يۈەن/توننا پورت خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، جۇڭگو پاختا باھا كۆرسەتكۈچى(CCIndex 3128B ) دىن 1715 يۈەن تۆۋەن بولغان، باھا پەرقى ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا 231 يۈەن كېڭەيگەن؛ ICE پاختا قەرەللىك مېلىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى توختام ئوتتۇرىچە باھاسى 77.2 سېنت/قاداق بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.6 سېنت تۆۋەنلىگەن؛ جېڭجۇ زاكاز مال ئاساسىي توختامى CF409 نىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 15725 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 71 يۈەن تۆۋەنلىگەن .
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.