24-ئاپرېل ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_4 2024-04-24 11:03:07

\

جياڭنەن، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك ھۆل- يېغىن ۋە كۈچلۈك قارىمۇقارشى ئىقىم كۆرۈلىدىكەن:مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، گۇيجوۋنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، جياڭنەن، خۇانەن قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن ، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران ياكى مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارىمۇ قارشى ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رايونلارنىڭ يىغىندى يامغۇر مىقدارى 30-80 مىللىمېتىر، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 100-240 مىللىمېتىر، قىسمەن جايلىرىدا 250-300 مىللىمېتىرغا يېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 08 دىن 25-كۈنى سائەت 08 گىچە، گۇيجوۋنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ( 100 مىللىمېتىردىن 120 مىللىمېتىرغىچە ) ياغىدىكەن. يۇقىرىقى بىر قىسىم رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ( ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 30 مىللىمېتىردىن 50 مىللىمېتىرغىچە، قىسمەن جايلاردا 60 مىللىمېتىردىن ئاشىدىكەن )، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى سائەت 6 دە قارا يامغۇردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.