17-ئاپرېل ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_4 2024-04-17 11:29:34

\


1.مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 80 دىن 18-كۈنى سائەت 08 گىچە، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، جېجياڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، گۇيجوۋنىڭ شەرقىي جەنۇبى، گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسىم، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭشىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ( 100 مىللىمېتىردىن 110 مىللىمېتىرغىچە ) ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن بولىدۇ ( ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك ھۆل- يېغىن مىقدارى 30-60 مىللىمېتىر، قىسمەن جايلاردا 70 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن )
2.ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلاردا بىر قېتىم كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىن جەريانى بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ
18 -كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، جياڭخەن، جياڭخۇەي، جياڭنەن، جەنۇبىي جۇڭگو، سىچۇەن ئويمانلىقى ۋە گۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن ھەمدە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران ياكى مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا ئازراق وتتۇراھال يامغۇر، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
3.-4ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، تۆۋەن قاينام سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىراننىڭ جەنۇبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئوماننىڭ شىمالى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقى، قاتار، بەھرەيىن، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شىمالىدا قارا يامغۇردىن قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارىمۇقارشى ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
4. -4ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، چوڭقۇر غەرب شامال ئوقۇرىنىڭ ئاستا يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قار-يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي ياۋروپانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇرياغىدۇ، ئوتتۇرا ياۋروپا، جەنۇبىي ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، شەرقىي ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، شەرقىي ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.