يەر شارى ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرى كۈندىلىك مۇھىم ئۇچۇر ئومۇملاشتۇرۇلىشى

ilkan_3 2023-12-01 12:01:52
1. OPEC+ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېمەيتىشكە قوشۇلغان، مەھسۇلات ئومۇمىي كۆلىمى كۈنىگە 2 مىليون 200 مىڭ تۇڭغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى نۆۋەتتىكى مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېمەيتىش ھەرىكىتىنى ئۇزارتىدۇ.

2. خەلقئارا نېفىت پەيشەنبە كۈنى %2 چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئۇدا ئىككى سودا كۈنىدىكى ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن، چۈنكى ئوپىك ئىتتىپاقى گەرچە كېلەر يىلى بىرىنچى پەسىلدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بازار مۆلچەرىگە يېتەلمىگەن.

3. EIA پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي داكوتا شىتاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، ئامېرىكىنىڭ 9-ئايدىكى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 13 مىليون 240 مىڭ تۇڭغا يېتىپ، ئايلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

4. قازاقىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق لىنىيەسى كاسپىي دېڭىزى تۇرۇبا ئىتتىپاقى ( CPC ) پەيشەنبە كۈنى قارا دېڭىز پىرىستانىدىكى نېفىت پاراخوتىغا قاچىلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ پىرىستان بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى، ئالدىنقى جۈمەدىن باشلاپ ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5. مورگان چاس پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ئېھتىياجنىڭ مۇقىم ئېشىشى 2024-يىلىدىكى ھالقىلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەدىن ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىشتا تاكتىكىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

6. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى توختام ئىمزالاپ 2 مىليون 730 مىڭ تۇڭ خام نېفىت سېتىۋالغان بولۇپ، ھەر تۇڭىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن 79.1 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.