شىنجاڭ رايونى 20- نويابىر ھاۋارايى دوكلاتى

ilkan_4 2023-11-20 11:31:37

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا:1. بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ئارىلاش قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى بىر قىسىم رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا ئون بال ئەتراپىدا شامال چىقىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا 5-8 تۆۋەنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس.
2. 21-چېسلا كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بال ئەتراپىدا شامال چىقىدۇ؛ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس.
3. 22-مارت كۈندۈزدىن كېچىگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭ ئەتراپى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بالغىچە يىتىدۇ. بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمان بار. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس.
4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 16 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلان قىلغان يوللاردا مۇز تۇتۇشتىن ئىبارەت سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
5. تەسىردىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە خەۋپ-خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئەسكەرتىشى:
كەلگۈسى 24 سائەتتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ يول تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، كېچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتىدۇ ياكى تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قاتناش، ساياھەت ۋە شەھەر ھەرىكىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا مۇداپىئەنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.