پاختا. توقۇلما بۇيۇملار ئەتىگەنلىك گېزىتى

ilkan_4 2023-11-20 11:24:49
1. 18-چىسلا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا چىگىتلىك پاختىنى سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چۈشۈشى ئوخشاش بولمىغان. ھازىر بىر قىسىم تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى يەنىلا نۇرغۇن چىگىتلىك پاختىنى تېخى سېتىپ بەرمىگەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ماشىنىدا يىغىۋېلىنغان پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 7.0 يۈەندىن 7.2 يۈەنگىچە، ئايرىم بىر قىسىم پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 7.4 يۈەندىن سەل يۇقىرى.
2. 10-ئايدا ئېلىمىزنىڭ پاختا ئىمپورت مىقدارى 290 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %20.8 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %122.1 ئاشقان. 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارى 1 مىليون 380 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئازايغان. 2023/24 يىللىق ئىمپورت سوممىسى 530 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %140.9 ئاشقان.
3. 10-ئايدا ئېلىمىزنىڭ پاختا يىپ ئىمپورت مىقدارى 170 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %162.6 ئاشقان، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %5.55 تۆۋەنلىگەن. 2023-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە جەمئىي 1 مىليون 380 مىڭ توننا ئىمپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.2 ئاشقان. 2023/24 يىللىق ئىمپورت سوممىسى 350 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %133.33 ئاشقان.
4. ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بەلگىلەنگەن كارخانىلارنىڭ 10-ئايدىكى يىپ مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 955 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.98 ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشقان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 18 مىليون 647 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 تۆۋەنلىگەن.
5. جۈمە كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى پاختا نەق مال تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان. شىنجاڭ قوش 29-دەرىجىلىك شىنجاڭ ئىچىدىكى ئامبارلارنىڭ ئاساسىي پەرق باھاسى 700-1000، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئامبارلارنىڭ ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاساسىي پەرق باھاسى 1200 ئەتراپىدا بولغان، لېكىن نەق مال پۈتۈشۈش مىقدارى ئاز بولغان، يىپ ئىگىرىش فابرىكىلىرى سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان.
6. ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا ئاندا-ساندا قار-يامغۇر يېغىپ، تېكساس شتاتىدىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، پاختىچىلىق رايونىدىكى قۇرغاقچىلىق كۆلىمى ئازايغان، لېكىن ئوتتۇرا جەنۇب پاختىچىلىق رايونىدىكى قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولغان رايونلار كېڭەيگەن.
7. جۈمە كۈنى پاختا يىپنىڭ زاكاز مال باھاسى چۈشۈپ كەتكەن، نەق مالنىڭ چۈشۈشىنى ئۆزگەرتىش تەس. نۆۋەتتە پاختا يىپنىڭ سېتىلىشى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈشۈش باھاسى چۈشۈپ، مىقدارى ئازلاپ كەتكەن، پاختا يىپنىڭ ئامبار زاپىسى ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىپ بىر ئايدىن بىر يېرىم ئايغىچە بولغان، ئادەتتىكى 32 يىپ ئىگىرىش فابرىكىسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ زىيىنى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە بولغان، بەزى كارخانىلار ئادەتتىكى تاراشنى نازۇك ئىگىرىشكە ئۆزگەرتىپ، زىياننى ئازايتقان. ( جۇڭگو پاختا ئۇچۇر تورى (
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.