قەرەللىك مال سودىسى ھەققىدە چۈشەنچە

karima 2015-02-10 17:32:09
  • قەرەللىك مال سودىسى ھەققىدە چۈشەنچە


    قەرەللىك مال مەبلەغ سېلىش سودىسى دېگىنىمىز ، قەرەللىك مال بازىرىدىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئىلىشنى مەقسەت قىلغان قەرەللىك سودا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ قەرەللىك مال باھا يۈزلىنىشىگە قارىتا يەكۈن چىقىرىدۇ ۋە سېتىۋېلىش ياكى سېتىپ چىقىرىش نى قارار قىلىدۇ ، ئەگەر چىقىرىلغان يەكۈن بازار باھا يۈزلىنىشى بىلەن ئوخشاش بولسا ، مەبلەغ سالغۇچى پايدا ئالىدۇ؛ ئەگەر چىقىرىلغان يەكۈن بازار يۈزلىنىشى بىلەن قارشى بولسا، كېلىپ چىققان زىياننى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەقسىتى بولسا باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ، شۇڭا پەقەت مەبلەغ سالغۇچى قەرەللىك مال كېلىشىمى تۈزىدۇ ، مەبلەغ سېلىش سودىسى ئىككى خىل بۇلۇپ باھا پەرقىگە ئاساسەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىككى ئوتتۇرىدىن پايدا ئىلىش سودىسى.

    باھا پەرقى مەبلەغ سېلىش دېگىنىمىز ،مەبلەغ سالغۇچى مۆلچەرلەنگەن باھاغا ئاساسەن ، باھا ئۆسۈشتىن ئاۋال سېتىۋېلىش ، باھا چۈشۈشتىن بۇرۇن سېتىپ چىقىرىش ۋە پايدىلىق ۋاقىتتا قەرەللىك مالنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدا ھەرىكىتى.

    ئىككى ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىش سودىسى بولسا، بىر تەرەپ خەۋپ -خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىسە ، يەنە بىر تەرەپ مۇۋاپىق باھا تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.