ئۈرۈمچى شەھىرى جىددىي قۇتقۇزۇشقا چىققان ھەربىر ئاپتوموبىلغا 200 يۈەن تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ

zumrat 2015-02-10 17:32:02

گۈلمىرە مۇھەممەدنىڭ 5 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 2014 – يىللىق خۇلاسىلەش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن قۇتقۇزۇشقا چىققان ھەر بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا 200 يۈەن تولۇقلىما پۇلى بېرىدىكەن. بۇ تەدبىر، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاغرىقلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكەشتىن بۇرۇنقى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

يىغىندا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا قاتارلىق 30 ئورۇنغا «<120> تورلاشقان جىددىي قۇتقۇزۇش بېكىتى» دېگەن ۋىۋىسكا تارقىتىپ بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئورۇنلار بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، ئامما ئۈچۈن سۈپەتلىك ھەم ئۆلچەملىك مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى ھەرقايسى جىددىي قۇتقۇزۇش بېكەتلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، خەتىرى كۆپ، تەمىناتى تۆۋەن بولغاچقا، خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن. «مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش» تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدە بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 12 ئورۇندا جىددىي قۇتقۇزۇش بېكىتى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى 57 مىڭ 366 قېتىم قۇتقۇزۇشقا چىققان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.