پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

rabigul 2015-02-10 13:48:10

\

كۆپ ۋاقىتلاردا مەبلەغ سالغۇچىلار خەۋەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارغا ئەگەشسە پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پۇل باھاسى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا ، بازار ئەھۋالىغا ئەكس تەسىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئاساسى خەۋەرلەرگىمۇ تەسىرى چوڭ بولغان.

پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا پەقەت بىزنىڭ سودا جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئاساسىي تەجىربىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك ، لېكىن پۈتۈنلەي ئۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ، ئومۇمەن مۇشۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە ، بىز ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ سودا بازىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان نۇقتىلارنى ئۆزىمىزنىڭ سودىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرشقا يېتەكچى قىلىشىمىز كېرەك.

پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا ، ئاساسىي ئانالىز قىلىش ياكى يۈزەكى ئانالىز قىلىش جەھەتتىن بولسۇن بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەمچىللىكمۇ بولىشى مۇمكىن ، مەيلى قايسى خىل ئانالىز قىلىش بولسۇن بازار ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەش لازىم . پەقەت ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئانالىز ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا بازار ئەھۋالىنى ياخشىلاپ ، پېرېۋوت نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.شۇڭا ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە جانلىق ئىشلىتىپ،مۇۋاپىق جايلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.