پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار

rabigul 2015-02-10 13:46:23

\

1 .سىياسىي ۋەزىيەت : خەلقئارا ،دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرشى، پېرېۋوتقا نىسبەتەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ۋەزىيەت مۇقىملىقى، پېرېۋوت نىسبىتى مۇقىملىقىنى ئۈلگە قىلىپ، سياسىي داۋالغۇش، پېرېۋوت نىسبىتىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ.

2 .ئىقتىسادى ۋەزىيەت : بىر دۆلەت ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بۇلىشىشۇ دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ۋە بىۋاستە ئامىلىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى: ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى ،دۆلەت كىرىم ئەھۋالى، پۇل پاخاللىقى ،ئۆسۈم نىسبەت سەۋىيسى قاتارلىقلار.

3 .ھەربىي ھالەت: ئۇرۇش، قىسمەن توقۇنۇش، توپىلاڭ قاتارلىق ۋەقەلەر شۇ رايون ۋە دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى،ئۇنۋېرسال دۆلەت ئەھۋالىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، ھەمدە پۇلنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەكسىچە شۇ رايون ۋە شۇ دۆلەتتە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىسە، شۇ دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

4 .ھۆكۈمەت ۋە مەركىزى بانكا سىياسىتى: ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ،تاشقى پېرېۋوت ۋە مەركىزى بانكا پۇل سىياسىتى پېرېۋوت نىسبىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسلەن: ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دۆلەت پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى ئۆسۈپ كېتىشى ، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى.

5 .بازار پىسخىكىسى: تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پىسخىكا مۆلچەرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۆنىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر خىل پۇلنىڭ ئۆسۈشىگە ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشىگە نىسبەتەن بازار يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ. مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە پېرېۋوت نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلىشىدە مەركىزى بانكىنىڭ ئارىلىشىشى ئۈنۈمسىز بولىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

6 .ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر: بىر قىسىم يۈز بەرگەن ئېغىر ۋەقەلەر، بازار پىسخىكىسنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پېرېۋوت نىسبىتىدە قىسقا مەزگىللىك ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.