كىچىك بالا بىلەن بۇۋاقلار ساپ كۈمۈش زىننەت بۇيۇمى تاقىسا بولامدۇ ؟

rabigul 2019-04-18 17:30:58
خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭلار بالىلىرىغا زىبۇ-زىننەت سوغا قىلىدۇ، بىرىنجىدىن تەبرىكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ ، ئىككىنجىدىن بالىنىڭ قوقۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.چۈنكى بالا ئاجىز بولغاچقا ، ئاسانلا بىر خىل زەرىچىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدۇ ،شۇڭا كۆپ ئەھۋاللاردا كۈمۈشتىن ياسالغان ئۇزۇن قۇلۇپلىق زەنجىرنى سوغا قىلىپ بالىسىغا ئامان ئىسەنلىك تىلەيدۇ.

\

ئەمما بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن مۇنداق خەۋەرلەر تارقالدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۇزۇن ئۆمۈر قۇلۇپى تاقىغانلىقتىن زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا بولۇپ ، قىزىل ئەسۋە چىقىپ كەتتى.بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈمۈش زىننەت بۇيۇمى ، نېمە ئۈچۈن ئەكسىچە بالىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قاتىل بولۇپ قالىدۇ ؟
بالىلارغا كۈمۈش بېزەك تاقىسا نېمە ئۈچۈن رېئاكسىيە قىلىدۇ ؟
قەدىمكى كىشىلەر كۈمۈش زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈپلا قالماي ، باكتېرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ ، دەپ قاراپ ، ساپ كۈمۈشنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ ساقلىيالايدۇ ، يۈرەكنىڭ تېز سوقۇشىنى توختىتىپ ، ساراسىمىگە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،" دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى" دىمۇ خاتىرىلەر بار بۇلۇپ ،كۈمۈش بولسا 'بەش خىل ئەزانى ساقلاش ، يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇش ، يۈرەكنى تىترىتىش ، سۆڭەك چىڭىتىش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش' ئۈنۈمىگە ئىگە. شۇڭا ، جۇڭگودا بالىغا كۈمۈش تاقىدىغان ئادەت بار ، بۇ چوڭلار بالىلارغا بەرگەن بىر خىل كۆيۈنۈش ۋە ئاسراش ھېسابلىنىدۇ.

\

لېكىن ھازىر بازاردىكى نۇرغۇن كۈمۈش بېزەكلەر ساپ كۈمۈش ئەمەس ، باشقا مېتاللار ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىلار بولۇپ ، بالىنىڭ تېرىسى چوڭلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن نازۇك ، بۇ خىل كۈمۈش بېزەكلەر بىلەن ئۇچراشسا ، ئۇنىڭدا چوقۇم قىزىل ئەسۋە پەيدا بولىدۇ.
شۇڭا سىز بالىلارغا تاقىغان كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى خالىغانچە تاقىماڭ ، بولمىسا چوڭلارنىڭ
تىلىكىنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەنبەگە ئايلاندۇرۇپ قويىسىز.
ساپ كۈمۈش بىلەيزۈك تاللاش ئۇسۇلى
(1) بەك ئېغىرنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.بوۋاققا سېتىۋالغان بىلەيزۈكنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ ياخشىسى 20 گىرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك ، قوڭغۇراق تارتسىمۇ 26 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.قانداقلا بولمىسۇن بالا بەك كىچىك ، زىيادە ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
2. بىلەيزۈك تاللىغاندا ، ئىمكانقەدەر 'يورغا ئات چەمبىرىكى' نى تاللاش كېرەك.بالىنىڭ قولى تېخى كىچىك ، ھەرگىز مۇۋاپىق كېلىدىغان نەرسە تاقىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئات يورغىلىتىش چەمبىرىكى بولسىلا بۇ بىلەزۈكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

\

3. قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا تەركىبىدە قوغۇشۇندىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.ماتېرىياللاردىن زىيانلىق ماددىلارنى ئايرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، بەزى زىننەت بۇيۇملىرى سودىگەرلىرى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بۇ تۈرلەرنى ئېلىپ بارمىدى.سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم سودا سارايلىرىغا بېرىپ مۇنتىزىم ماركا سېتىۋېلىش ، سېتىۋالغاندىن كېيىن دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئۈنچە-مەرۋايىت ، قاشتېشى ۋە قىممەتلىك مېتال تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ساپلىق دەرىجىسى ، زىيانلىق ماددىسى ، راست-يالغانلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك.
كونىلاردا: 'ئالتۇن كۆز ، كۈمۈش كۆز ، ساپ ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بالىلارغا نىسبەتەن
ياخشى رولى بۇلۇپ ، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ ،يامان كىسەلدىن ساقلايدۇ. شوڭا بالىلارغا ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ ‏- زىننەت ئېلىپ بەرگەندە. ئالتۇن‏-كۈمۈش يالىتىلغان قېتىشما زىننەت بۇيۇملىرىنى كىيگۈزمەسلىك ، ئېغىرلىقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىمۇ بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك' دېگەن گەپ بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.