جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادى گەۋدە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى

parida 2019-04-18 17:48:52

\

يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇم بىر خەۋەردە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ تاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن يەنى بىز يېقىندا ئەڭ يېڭى «دۇنيا ئىقتىساد مۆلچەر دوكلاتى»نى ئېلان قىلدۇق. بىز ئالدىنقى قېتىملىق دوكلاتتا ھەتتا ئۆتكەن يىلىقى 10-ئاي ۋە 1-ئايدا ئوتتۇرغا قويغان ئىككى قېتىملىق مۆلچەرىمىزدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ-خەتىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ۋە بۇيىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۆپ قىسىم خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى، شۇڭا بۇ قېتىم بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتۇق. دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدىكى سودا نىزاسى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا بىرقاتار تەۋرىنىشلەر بولدىجۇڭگو دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرى يۇقىرى بولغان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەريان پۇرسەت ۋە خرىس بىلەن تولغان، بۇ جەرياندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىقتىساد تىپى ئۆزگىرىۋاتقان باسقۇچتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جۇڭگو ئىقتىسادنى ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىشتىن، دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجى بولۇپمۇ ئىستىمال ئېھتىياجىغا يىتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارىغا شۇنداقلا يەنە بۇنىڭغا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىقىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىقتسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن چوڭ تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.