2018-يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-11-29 11:54:59

\

ئاساسىي ئانالىز

11-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلىشى بىلەن كۈمۈش باھاسى چۈشۈش " پاتقىقى" دىن قۇتۇلۇپ قايتىدىن چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىدى. كۈمۈش باھاسى نۆۋەتتە 14.31 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە قىسقا ۋاقىت ھالقىلىق توسالغۇ نۇقتىسىدا بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى پاۋىلنىڭ يۇمشاق قوللۇق نۇتۇق سۆزىدىن كېيىن، بازار يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2019-يىلى 2 قېتىم ئۆسۈم قوشقاندىن كېيىن ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، بۇ خەۋەرمۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ بىر قېتىمدىلا چوڭ نىسبەتتە 90 نۇقتا ئەتراپىدا تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى، ئەمما ئامېرىكا پاي چېكى شۇنداقلا باشقا دوللاردىن باشقا مۈلۈك قاتارلىقلار كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى كۈتۈۋالدى؛ بۈگۈن كەچ بازار داۋاملىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، ئامېرىكا يادرولۇق پۇل پاخاللىقى ۋە شەخسىي چىقىم قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 11-ئايلىق ئۆسۈم قارار يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
چارشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 14.39-14.10 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بىز كۈمۈش باھاسىنى 14.30 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز، قولدا مال يوق خېرىدارلار بالدۇرراق بازارغا كىرسەكمۇ بولدۇ دېگەن، تەھلىلدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛ چۈشتىن ياۋروپا بازىرىدا بىز يەنە كۈمۈش باھاسىنى 14.15-14.20 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، 14.15 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈشنىڭ چۈشتىن كېيىنكى تەھلىلنى ئاساس قىلىمىز، شۇڭا چۈشتىن كېيىنكى تەھلىل بويىچە ئالغان چۈشۈش ماللىرىنى 14.10 ئەتراپىدىكى باھادا چىقىرىشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ دېگەن، كەچ تەرەپتە يۇقىرى باھا 14.19 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، چۈشتىن كېيىنكى ھەم كەچ تەرەپتە ئالغان كۆپ قىسىم چۈشۈش ماللىرىنى 14.10 ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ئومۇمەن، تۈنۈگۈن كۈمۈش سودىسىدىن ئىككى قېتىملىق تەھلىل بويىچە 5 نۇقتا پايدا شەكىللەندى.\

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.