2018-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-05-15 11:19:56

\

ئاساسى ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە (5-ئاينىڭ15-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا تەۋرەنمە تەۋرىنىشنىى ئاساس قىلىپ يۇقرى ئۆرلىدى، نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 200 سائەتلىك ئوتتۇرچە سىزىقتا تىرەش نۇقتىىسىغا ئۇچراۋاتىدۇ؛ ئاساسلىقى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ھەمدە بازاردا خەۋىپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتە كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىر قەدەر ئاجىز بولىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسى يەنىلا ئۈچ بۇرجەكلىك دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلۋاتىدۇ. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا پارچە سېتىش قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى؛
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 16.72-16.47 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بىز كۈمۈش باھاسىنى 16.60 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، كۈندۈزى تەرەپتە تۆۋەن باھا 16.64 گىچە پۇرسەت بەردى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئوخشاشلا قولدا مال يوق خېرىدارلار 16.50 دىكى تىرەش نۇقتىسىغا دىققەت قىلىپ 16.50-16.60 ئارىلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، كەچ تەرەپتە تۆۋەن باھا 16.62 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ باھالاردىن بالدۇرراق ئۆسۈشكە ئالغانلار بولسا بىر قىسمىنى 16.65 ئەتراپىدا چىقىرۋالدۇق، كەچ تەرەپتە ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن 16.64 ئەتراپىدا بارلىق ئۆسۈش ماللىرىنى چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ئومۇمەن، تۈنۈگۈن كۈمۈش سودىسىدىن پايدا- زىيان شەكىللەنمىدى؛

2.بۈگۈن كۈمۈش باھاسىنى سودا قىلغاندا كۈندۈزى تەرەپتە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 9966.77 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 16.70
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.