بۈگۈن بازارنىڭ يۆنىلىشى بۇ نۇقتىغا باغلىق

parida 2018-05-15 11:47:08

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 15-كۈنى) كەچتە، خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات-ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ، «ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇمات» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سانلىق مەلۇمات بازاردا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سودا خادىملىرى يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلماقتا، بۇ توغرىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرمۇ بازارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دۈشەنبە كۈنى نيۇيورك بازىرىدا، ICE دوللار كۆرسەتكۈچى %0.1 ئۆرلەپ 92.62 نۇقتىغا چىقتى. 5-ئاي كىرىپ ھازىرغىچە ICE دوللار كۆرسەتكۈچى %0.9 ئۆرلىدۇ، بۇيىل كىرىپ ھازىرغىچە %0.5 ئۆرلىدى.
ئامېرىكا سودا مېنىستىرى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا ئىختىلاپى جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېقىندا زىچ ئالاقىدە بولدى. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ماجراسىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقى، خەۋپ-خەتەر كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى، دوللارنىڭ يەنە ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 10 يىللىق ئامېرىكا دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى تەخمىنەن ئۈچ نۇقتا ئۆرلىدى، بۇمۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇمىي ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى ليۇخې 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى Steven Mnuchin باشلامچىلىقىدىكى ئامېرىكا ئىقتىساد كوللېكتىپى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈن كەچ سائەت 20:30 دا ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، بازار بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ بۇيىل يەنە قانچە قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 4-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى دوللارنىڭ يۆنىلىشىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئەگەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدەك چىقمىسا، ئۇنداقتا دوللارغا چۈشىدىغان بېسىم يۇقىرىلايدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئەگەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقسا، ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكا دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى ۋە ئامېرىكا پايچېكىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوللار داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.