2018-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-02-27 10:54:01

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە(2-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 16.65 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ دۈشەنبە(2-ئاينىڭ 26-كۈنى) كۈندۈزدىكى بازاردا كۈمۈش باھاسى 1% ئەتراپىدا ئۆرلەپ، يۇقىرى باھا 16.76 دوللار ئەتراپىغا چىقتى. لېكىن نىيورىك بازىرى ۋاقتىدا، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كۈمۈش باھاسى قايتىدىن تۆۋەنلەپ، 16.64 دوللار ئەتراپىدا بازار يېلىپىلدى. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا چىداشلىق بويۇم زاكاس تالونى، ئىستىمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلاردىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمراق بولغىنى كەچ تەرەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بائۇئېر ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق سۆزى قىلدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
دۈشەنبە كۈمۈش باھاسى 16.76-16.54 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىر كۈمۈش باھاسىنى 16.70 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، كۈندۈزى تەرەپتە يۇقىرى باھا 16.72 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى كەچ تەرەپتە 16.65 ئەتراپىدا چىقىرۋالدۇق؛ ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولسا 7-8 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا ئالغان بولىمىز؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈش باھاسىنى 16.50-16.60 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، كەچ تەرەپتە 16.61 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ باھالاردىن بالدۇرراق بازارغا كىرگەنلەر بولسا ئىز باھاسىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛

2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا، كۈمۈش باھاسىنى تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9847.08 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :17
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.