2018-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-02-27 11:33:15

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن بازىرى سەيشەنبە(2-ئاينىڭ27-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك كۆلەمدە ئۈسۈپ 1335دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. دۈشەنبە(2-ئاينىڭ26-كۈنى)ئەتىگەندىكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ 1340دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى،بىراق نيۇيورك ۋاقتىدا دوللار كۆرسەتكۈچى ئۈسۈپ ،ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈسۈش ھالىتىنى چەكلەپ قۇيدى.سەيشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى،ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانى،ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا،ئەڭ مۇھىمى كەچتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بائۇئېر ئاۋام پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.ئەگەر ئۇ ئۆسۈم قۇشۇش تۇغۇرسىدا سۆز قىلسا ،ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر ئەكسىچە بولسا ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى 1327دوللار بىلەن 1340.8دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن تەھلىلدە 1336-1337دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، تەھلىل يوللىغاندىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى 1340دوللار ئەتراپىغا چىقتى، چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى ئالتۇن باھاسى 1337-1335ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1335-1332دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق مال ئېلىشقا 1331دوللار ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنىڭ بىر قىسمىنى 1334دوللاردا يەنە بىر قىسمىنى بۈگۈن سەھەردە 1336ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 4دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1340 1342

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.