2017-يىلى5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-05-29 11:53:20

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە (5-ئاينىڭ29-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1267 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ 4 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئەتىگەندە چاۋشىيەن يەنە بىر قېتىم سىناق يادرو بومبىسىنى قويۇپ بېرىپ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىيلىك كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن. جۈمە(5-ئاينىڭ26-كۈنى)ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىققانلىقتىن دوللار باھاسى ئۆرلىگەن، بىراق سىياسىي ئېنىقسىزلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇننى تاللىشىغا توسالغۇ بولغان. ئالتۇن باھاسى%1 يۇقىرى ئۆرلىگەن ھەمدە 4 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1269.75 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بارغان. بۇ ھەپتە بازار ئامېرىكىنىڭ ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق دوكلاتىنى كۈتۈۋالىدۇ، بىراق دۈشەنبە كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرى جۇڭگونىڭ تاڭزۇڭزا بايرىمى، ئەنگىلىيىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك بانكىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ھەمدە ئامېرىكا ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفىتسېر - جەڭچىلەر خاتىرە كۈنى بولغانلىقتىن ئامېرىكا بازىرى مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئالىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1252.4-1269.5 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز جۈمە كۈنى ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1260-1258 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1258 دوللاردا ئالغان مالنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي 1265 دوللاردا زىيانغا چىقىپ كەتتى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 13264-1262 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1266 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، بۇ باھادا چىقارمىغانلار بولسا 1269 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 2-5 دوللارغىچە پايدا ،7 دوللارغىچە زىيان بولغان بولدى.

2.ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.
3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1260

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.