ياۋرۇپا بازىرىدا فوندستېرلىڭ پېرېۋوتىدىكى ئاساسلىق پۇللارنىڭ پاي باھاسى تۆۋەنلىدى

gulbostan 2017-05-26 18:07:04

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى)ياۋرۇپا بازىرىدا فوندستېرلىڭ پېرېۋوتىدىكى ئاساسلىق پۇللارنىڭ پاي باھاسى تۆۋەنلىدى، ياپونىيە يىننىڭ چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى، ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭىنىڭ نىسبىتى %1 تۆۋەنلىدى. ياپونىيە يىنى 143.23 نۇقتا چۈشۈپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭى بىلەن دوللارنىڭ نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.2859 نۇقتا چۈشتى.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ نىسبىتى بۇ ھەپتە 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى تېرىسا.مېي باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگىلىيە چوڭ سايلىمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا.مېي (Theresa May) ۋەكىللىك قىلغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى-لېيبورىستلار پارتىيسىگە نىسبەتەن ئۈستۈنلۈك ئورنى تۆۋەنلەپ ئاران بەش پىرسەنت پوئىنتلا پەرق قالغان. تېرىسا.مېي ئالدىنقى ئايدا چوڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن يەنى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، بازار تېرىسا ۋەكىللىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى غەلبە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياۋرۇپادىن چېكىنىش سۆھبىتىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاشىدۇ، ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆسىدۇ دەپ قارىغان ئىدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.