2017-يىلى 4-ئاينىڭ28-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-04-28 10:37:02

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلىقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(4-ئاينىڭ28-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1265 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. پەيشەنبە(4-ئاينىڭ27-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ باجنى كېمەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى چۈشكەن ھەمدە ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 1261 دوللار ئەتراپىدا بولغان،شۇنىڭ نبىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ئەمەلدارى دېلاجى سۆز قىلىپ،ياۋرۇ ۋە دوللارغا بېسىم كەلتۈرگەن، شۇ تۈپەيلى ئالتۇن باھاسى ئۆسكەن. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا، ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ بۈگۈن كەچتىكى بىر تۈرلۈك پىلان ئەندىزىلىرىنىڭ تەستىقلىنىش- تەستىقلانماسلىق ئەھۋالى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1 .پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1269.7-1261.3 دوللار ئارىلىقىدا بولدى. بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1268 دوللار ئەتراپىدىن يېنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە مال ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى باھا 1267.7 دوللارغىچە پۇرسەت بەردى،بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغانلار 1262 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا قولىدا مال يوق خېرىدارلار 1262-1264 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالساق بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1266 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق،بۇنىڭغا پۇرسەت بەردى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1265-1267 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق.1267 دوللاردىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1263 دوللارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 10 -7 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1260
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.