ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ پېيى %30 چۈشۈپ كەتتى

gulbostan 2017-04-28 10:48:08

\


ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ پېيى 26-ئاپرېل ئامېرىكا پاي بازىرىدا چوڭ نىسبەتتە %26.78 چۈشۈپ 22.78 دوللارغىچە چۈشۈپ كېتىپ، بۇ شىركەتنىڭ 1991-يىلى 4-ئايدا پېيىنى بازارغا سالغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تاق كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتتى.

ئانالىزچىلار بۇ پاينىڭ شىددەتلىك چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتى ئەمدىلا ئېلان قىلغان مالىيە دوكىلاتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، بازارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، دەپ قارىغان. بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان مالىيە دوكىلاتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بىر پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ھەربىر پاي زىيىنى 83 سىنىت، تىجارەت كىرىمى 2.73 مىليارد دوللار. مالىيە ئۇچۇرى تەمىنلەش شىركىتى FactSet نىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئانالىزچىلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە مۆلچەرى ھەربىر پاينىڭ پايدا نىسبىتى 35 سىنىت، تىجارەت كىرىمى 2.95 مىليارد دوللار.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلە پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى چوڭ سايلامغا قاتناشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ پېيى ئىلگىرى بىر مەزگىل چوڭ نىسبەتتە ئۆسكەن. ترامىپ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئوخشاشلا كېيىنكى ئەۋلاد ياساش كەسپىنىڭ ئامېرىكا بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، بۇ "پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش" نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خادىم قىسقارتقان ھەمدە ئامېرىكا زاۋۇتىنى ئىشلەتمەي بىكار تاشلاپ قويغان، ھەم تەننەرخنى تىرىشىپ كونترول قىلغان، بۇ ئارقىلىق يەرشارىدا تەمىنلەش زىيادە ئېشىپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ جىددىي چۈشۈشىگە تاقابىل تۇرۇغان. بۇ شىركەتنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا 21 مىڭ خىزمەتچىسى بار، بۇ 2007-يىلىدىكى 28 مىڭدىن تۆۋەن. بىراق ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارىئو كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى كۆپەيتىش ۋاقىت جەدىۋىلىنى تەمىنلىمىگەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.