2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-09-30 11:32:12

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالتۇن جۈمە (9-ئاينىڭ30-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ،ئەڭ يۇقىرىسى ھەر ئۇنسىيە 1324.34دوللارغا چىقتى. پەيشەنبە(9-ئاينىڭ29-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق قىممىتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى كۆز قاراشلارنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئالتۇن باھاسى شۇكۈنى ئاساسىي جەھەتتىن تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولدى، ئەڭ تۆۋەن نوختىسى ھەر ئۇنسىيە 1316.33دوللار بولۇپ ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن نوختىنى ياراتتى. جۈمە كۈنى كەچتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ياۋروCPI ۋە ئامېرىكا شەخسىي ئىستېمال چىقىمى مال باھا كۆرسەتكۈچى PCE قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار، پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1325.9-1316.1 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تەھلىل بويىچە 1319 دوللاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1323 دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقاردۇق، ھەمدە 1316دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1323دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقاردۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 11 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى، ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى، بۈگۈن سودا بازىرىدا دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئومۇمەن بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە سودا قىلساق بولىدۇ. تەپسىلى سودا مەشخۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1317 1330

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.