2016-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-06-28 11:50:31

\

ئاساسىي ئانالىز

سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ 1320 دوللار ئەتراپىدا بولدى.تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ 1335 دوللار ئەتراپىغا چىققان، ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش مەسىلىسى داۋاملىق بازارغا تەسىر قىلىپ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىگەن. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى بىر قاتار ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجىنىڭ نۇتۇق سۆزى

مەشغۇلات باسقۇچى

1. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1315 - 1335 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە 1328-1330 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز، ھەمدە ئۇنىڭ پايدىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە 1320 دوللارغا چۈشكەندە بىر قىسىم مالنى قولدىن چىقىرىپ، قالغان قىسىمىنى 1315 دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان خېرىدارلار بولسا 15دوللار پايدا ئالغان بولىدۇ.

2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىنى 1316 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1320-1323 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ، زىياننى 1312 دوللاردا توختىتىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1325 1315

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.