بۈگۈنكى ئالتۇننىڭ باھاسى

gulbostan 2016-06-28 11:06:42

\خەلقئارالىق ئالتۇننىڭ باھاسى سەيشەنبە (6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى )ئاسىيا بازىرىدا 1323 دوللار ئەتراپىدا بولدى. دۈشەنبە ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئېشىپ 1335دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى 1358دوللارلىق يۇقىرى قىممەتكە يېقىنلاشقان. ئالدىنقى جۈمە ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى قارار قىلىشى ۋە ئەنگىليە باش ۋەزىرى كامىلوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى دۇنيا پايچېك بازىرىغا زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئۆرلەپ، 1358دوللارغا يەتتى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.