2017-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-11-22 11:12:20

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە (11-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1281دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. سەيشەنبە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى) دوللارنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تىرەكلىك رول كۆرسىتىپ، بىر كۈنلۈك چوڭ چۈشۈش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1284دوللار ئەتراپىغا چىققان. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، ئامېرىكا چىداملىق بۇيۇملار زاكاس سانى، ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1284دوللار بىلەن 1276دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە 1276-1277ئەتراپىدىىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، كەچلىك بازاردا 1280-1279ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى ئىز باھاسىدا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، ئارقىدىن 1284 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى 1281 ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 3دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئاسىيا سودا بازىرىدا سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، مۇۋاپىق سودا قىلىش پۇرسىتى كەلگەندە تەھلىل توپىدا ئۇچۇر ئەۋەتىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1277 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.