دوللار كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرىلامدۇ؟

parida 2017-11-22 12:00:52

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە (11-ئاينىڭ 23-كۈنى) سائەت 03:00 دە ئېلان قىلىنىدىغان پۇل سياسىتى يىغىن خاتىرىسىگە مەركەزلەشتى. پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا يىغىن خاتىرىسى 12-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئۈچۈن «يېشىل چىراق» يېقىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىن خاتىرىسىدىكى پۇل پاخاللىقىغا ئائىت سۆزلەرگە دىققەت قىلماقتا، چۈنكى بۇ 2018-يىلىدىكى ئۆسۈم قوشۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىسمەن تەھلىلچىلەر ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى قاتتىق قوللۇققا مايىل بولسا، ئۇنداقتا دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلىشى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدە قىسقا مەزگىللىك تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %1.5-%1.25 ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 12-ئاينىڭ 13~12-كۈنلىرى بۇ يىللىق ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ.
بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارىدى، چۈنكى 9-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 12-ئايدا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىقتىسادى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى يەنىلا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.