مورگان داتۇڭ بانكىسى نېمىشقا دوللارنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشىگە ئىشىنىدۇ؟

rabigul 2017-07-05 16:41:44

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چەتئەلدىكى داڭلىق تاشقى پېرېۋوت تور بېكىتى Poundsterlinglive دە مۇنداق دېيىلگەن، يېقىنقى مەزگىلدە تاشقى پېرېۋوت بازىرى دوللارغا نىسبەتەن زىيادە " قاتتىق قول" بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى مورگان داتۇڭ(JP Morgan) نىڭ تەھلىلچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۇلار دوللارنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئىشىنىدۇ.
دوللار ئۇدا نەچچە ئاي تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل بۈگۈنگە قەدەر G10 دۆلەت پۇلى ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولدى.
دوللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىشى تۈرتكىسىدە، فوندستېرلىڭ/ دوللار پېرېۋوت باھاسى 1.20 دىن يۇقىرى ئۆرلەپ 1.30 ئەتراپىغا چىقتى.
مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ (Donald Trump) نىڭ باج كېمەيتىش ۋە ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئاشۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن بۇ مۆلچەر ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە بولغان مۆلچەرنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، دۇنيادىكى باشقا ئاساسلىق مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىدىن بىشارەت بېرىشى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دوللار يەنە تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىدى.
مورگان داتۇڭ تاشقى پېرېۋوت تەھلىلچىسى Daniel P Hui مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن باشقا مەركىزى بانكىلار ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى سىگنالنى قولدىن بېرىپ قويدى، بۇ ئەھۋال بەزى دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا قايتىدىن باھا بېكىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دوللار قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەسىرىدە بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە بولغان مۆلچەرى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.